مېكسىكىلىقلار ترامپنىڭ پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

مېكسىكىدا يۈزلەرچە كىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىغا سېپىل سوقۇش پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

675248
مېكسىكىلىقلار ترامپنىڭ پىلانىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىئۇداد جۇئارېز شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولغان يۈزلەرچە كىشى رىئو گراندې دەرياسى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزدى ھەم دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىغا قاراشلىق ئەلپاسو شەھىرى ئاھالىسىگە قوللىرىنى پولاڭلاتتى.

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئىككى شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ ئىككى خەلقنى ئايرىۋېتىش پىلانىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مېكسىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت نامزاتى كۇئاھتېموك كاندېناس نامايىشتا ئېلان قىلغان سۆزىدە، «بۇ يەردىمۇ كۆرۈلگىنىدەك، دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىمۇ ترامپنىڭ پىلانىغا قارشى چىقىدىغان نۇرغۇن دوستلىرىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر