ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى سۈرىيەگە ئەۋەتەمدۇ؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئەۋەتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

673587
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى سۈرىيەگە ئەۋەتەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: CNN International نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئەۋەتىش تەكلىپى سۇنۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، «ئامېرىكا سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئەۋەتىشى مۇمكىن» دېگەن بولۇپ، ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش ھوقۇقى پىرېزىدېنت ترامپقا ئائىت ئىكەن.

ترامپ ئۆتكەن ئاي پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى چىقىرىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتىستىن 30 كۈن ئىچىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرىدىغان بىر پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

سۈرىيەگە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئەۋەتىش مەسىلىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن پىرېزىدېنت ترامپكا سۇنۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلاننىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر