ترامپنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ «گۇمانلىق»رۇسلار بىلەن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ «گۇمانلىق»رۇسلار بىلەن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

672546
ترامپنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ «گۇمانلىق»رۇسلار بىلەن ئالاقە ئىچىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالىي مەسىلھەتچىلىرىنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا، ئامېرىكا ئىستىخباراتچىلىرى تەرىپىدىن گۇمانلىق دەپ قارىلىدىغان رۇسلار بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن CNN نىڭ، نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان نۇرغۇن ئامېرىكىلىق مەسئۇللارنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە كۆرە، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا، دونالد ترامپنىڭ ھەم سايلام سەپەۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ ھەمدە شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن «گۇمانلىق»رۇس پۇقرالىرى داۋاملىق ئالاقە ئىچىدە تۇرغان.

باراك ئوبامادىن پىرېزىدېتنلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى ھەم دونالد ترامپنىڭ ھەمدە باراك ئوبامانىڭ ئىستىخبارات مەسئۇللىرى تەرىپىدىن بۇ مەسىلە توغرۇلۇق تەپسىلىي مەلۇماتلاندۇرۇلغانلىقىمۇ پەيدا بولغان قاراشلاردىن بىرى  ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دونالد ترامپنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن رۇسلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئىستىخبارات يىغىش ئەسناسىدا كۆزگە چېلىقىپ قېلىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىستىخبارات مەسئۇللىرى، سۆھبەتلەرنىڭ قويۇقلىقى ۋە كۆرۈشكۈچىلەرنىڭ دونالد ترامپقا يېقىن بولۇشىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىدا گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسلار بىلەن كۆرۈشكەنلەر ئارىسىدا دونالد ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى پاۋۇل مانافورت بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مايكېل فىلاييىنمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر