شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئۆكتىچى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ-ئۇننىڭ ئۆكتىچى ئۆگەي ئاكىسى كىم جۇڭ-نامنىڭ مالايشىيادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

672318
شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئۆكتىچى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ-ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسى كىم جۇڭ-نامنىڭ مالايشىيادا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كىم جۇڭ-ئۇننىڭ ئۆگەي ئاكىسىنىڭ، تۈنۈگۈن مالايشىيادا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مەركىزى جەنۇبىي كورېيەدە بولغان چوسۇن تېلېۋىزىيە قانىلى، كىم جۇڭ نامنىڭ كۇئالا لۇمپۇر ئايرودۇرۇمىدا شىمالىي كورېيە جاسوسلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىككى ئادەم تەرىپىدىن زەھەرلىك يىڭنە بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاياللارنىڭ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مالايشىيا ساقچىلىرى شىمالىي كورېيەلىك بىر ئادەمنىڭ كۇئالا لۇمپۇر ئايرودۇرۇمىدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغاندا يولدا ئۆلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن كىملىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ-ئىل بىلەن جەنۇبىي كورېيەلىك ئارتىس سۇڭ خا رىمنىڭ نىكاھسىز مۇناسىۋىتىدىن دۇنياغا كەلگەن كىم جۇڭ-نام، چەت ئەلدا سالاھىيەتسىز ھالەتتە ياشايتتى.

كىم جۇڭ-ئىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغلى بولغان 46 ياشلىق كىم جۇڭ-نام، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ۋارىسى سۈپىتىدە قارىلىپ كېلىنىۋاتاتتى.

2001-يىلى دىسنېيلەندنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ساختا پاسپورت بىلەن ياپونىيەگە كىرمەكچى بولغاندا قولغا چۈشكەن كىم جۇڭ-نام دادىسىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، دادىسى ئۇنىڭ  ئورنىغا ئۆگەي ئىنىسى كىم جۇ ڭ-ئۇننى ۋارىس قىلىپ بېكىتكەنىدى.

كىم جۇڭ-نام شىمالىي كورېيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆكتىچىلىرىدىن بولۇپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىش كېرەكلىكىنى ياقلايتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر