رۇسىيە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا، ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى پىلانىنى ئىمزالاش توغرۇلۇق يوليۇرۇق چۈشۈردى.

670183
رۇسىيە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت ئارخىپلىرى ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت تۈركىيە بىلەن 2017 – يىلدىن 2020 – يىلغىچە ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا، ئىقتىسادىي، ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى پىلانىنى ئىمزالاش توغرۇلۇق رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا يوليۇرۇق چۈشۈرگەن.

كرېمىل سارىيى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە – تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا چاقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر