سۈرىيەدە ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئەسىر ئالماشتۇردى

سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ھاما شەھىرىدە ئايال ۋە بالا ئەسىرلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى.

667778
سۈرىيەدە ھاكىمىيەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئەسىر ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ھاما شەھىرىدە ئايال ۋە بالا ئەسىرلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇردى؛ ئەسىرلەر سۈرىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرى بىلەن يۆتكەلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى 55 ئەسىرنى ئۆكتىچىلەرگە تاپشۇردى، ئۆكتىچىلەرمۇ قولىدىكى 54 ئايال ۋە كىچىك بالىنى ھاكىمىيەت كۈچلىرىگە تاپشۇردى.

ئۆكتىچىلەر ئالماشتۇرغان ئەسىرلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى، لازىقىييە تاغلىق رايونىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن دائېش رايوندىن چېكىنگەندە، ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھاكىمىيەت تەرەپتىن ئۆكتىچىلەرگە تاپشۇرۇلغان ئەسىرلەر ئارىسىدا بولسا، «Free 20 Campaign»  دائىرىسىدە «ئايال سىياسىي مەھبۇس» سۈپىتىدە قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان رەشا چورباجى ۋە 4 پەرزەنتىمۇ بار.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تەۋە تۈرمىلەردە ھازىرمۇ مىڭلارچە سىياسىي مەھبۇس بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر