ئىسىرائىلىيە خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلمىدى

ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز سېلىنغان يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنى قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىدى.

666764
ئىسىرائىلىيە خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قانۇنسىز ھالدا سېلىنغان مىڭلارچە يەھۇدىي تۇرالغۇلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىگەللىۋېلىشنى قانۇنغا خىلاپ بولۇشتىن قانۇنلۇق ئورۇنغا ئىگە قىىلدىغان لايىھە، 52 گە قارشى 60 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر قانچە يىل ئىچىدە سېلىنغان مىڭلارچە يەھۇدىي تۇرالغۇلىرى ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى نەزىرىدە قانۇنغا ئۇيغۇن ھالغا كەلگەن بولدى. خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايونلاردىكى بارلىق يەھۇدىي ئۆيلىرى قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.

قانۇن لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلغاندا باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سەككىز پارلامېنت ئەزاسى ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىدى.

شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا بولۇپ، شەرقىي قۇددۇستا 200 مىڭ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 400 مىڭ يەھۇدىي كۆچمەن ياشايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر