ترامپ ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋاشىنگتوندا ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.

664388
ترامپ ئىيوردانىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىغا بۇرۇندىن تارتىپ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ھەمدە رەھبەرلىكى ئۈچۈن پادىشاھ ئابدۇللاھقا رەھمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ترامپ بىلەن پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ سۈرىيەدە بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى، ئىيوردانىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىڭ تەكىتلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر