ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان 7 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بىلەن مۇساپىرلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىگە قويغان چەكلىمىسىگە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

662948
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك ئىتتىپاققا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىگە يوللىغان مەكتۇبىدا، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتا تاشقى تەھدىتلەردىن بىرى دەپ قاراپ مۇنداق دېدى: «يېڭى ھۆكۈمەت ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 70 يىللىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچار قىلماقتا.»

ئەنگلىيەمۇ ترامپنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ئامبېر رېد چەكلىمىنىڭ ئايرىمچىلىق ۋە قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنمىسىمۇ ئەمما شۇنداق چۈشىنىپ قېلىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، جۈملىدىن بۇ چەكلىمىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر