كانادا پۇقراسى مىلياردېر شىياۋ جىيەنخۇانىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ياشلىقىدىن تارتىپ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن كانادا پۇقراسى مىلياردېر شىياۋ جىيەنخۇانىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

663268
كانادا پۇقراسى مىلياردېر شىياۋ جىيەنخۇانىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 خىتايدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كېيىنچە كانادا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن مىلياردېرشىياۋ جىيەنخۇانىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

6 مىليارد دوللار بايلىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن جىيەنخۇانىڭ ئاخىرقى قېتىم مۇشۇ دۈشەنبە (30-يانۋار) كۈنى خوڭكوڭدىكى Four Seasons مېھمانخانىسىدا بايقالغانلىقى، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى  بولمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكىدىكى مىڭجىڭ خەۋەر تور بېكىتىدە، مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى بىر خىتاي مىلياردېرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. خوڭكوڭ خىتايغا قاراشلىق بولسىمۇ ئۆز ئىچىدە مۇستەقىل رايون بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەسئۇللىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خوڭكوڭدا ئادەم تۇتۇپ كېتىشتەك ئىشلارنى قىلالمايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي ساقچىلىرى خوڭكوڭغا خالىغانچە كىرەلمىگىنىدەك، خوڭكوڭدىن بىرىنىمۇ خالىغانچە خىتايغا ئېلىپ كېتەلمەيدۇ.

شىياۋ جىيەنخۇانىڭ بايلىقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى ۋە خىتايدىكى «خىيانەتچىلىك» قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش دولقۇنىدىن قېچىش ئۈچۈن خوڭكوڭغا كېتىپ ماكانلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندە، شىياۋ جىيەنخۇا بۇ قاراشلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ياشلىقىدىن تارتىپ كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن جىيەنخۇانىڭ ئىلكىدىكى Tomorrowگۇرۇھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىيەنخۇا سالامەتلىك سەۋەبىدىن چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە شىركەتتە ئىشلار جايىدا ئىكەن.

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى كانادا پۇقراسى مىلياردېر شىياۋ جىيەنخۇانىڭ شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېچىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

« South China Morning Post»گېزىتىگە جىيەنخۇانىڭ ئائىلىسى جىيەنخۇا ئۈچۈن ئادەم ئىزدەش ئېلانى بەرگەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئائىلىسى ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى قايتۇرۇۋالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر