سۈرىيەدىكى بارادا ۋادىسىدىن ئۆكتىچىلەر بىلەن ئاھالىلەر چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى

سۈرىيەدىكى بارادا ۋادىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆكتىچىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

661714
سۈرىيەدىكى بارادا ۋادىسىدىن ئۆكتىچىلەر بىلەن ئاھالىلەر چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرى ھۇجۇم قىلغان بارادا ۋادىسىدىن ئۆكتىچىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر چېكىنىپ چىقىشقا باشلىدى.

يارىلانغان ئۆكتىچى جەڭچىلەر ۋە پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 1300 كىشى تۈركىيە چېگرىسىغا جايلاشقان ئىدلىبكە قاراپ ئىلگىرىلمەكتە.

رايوندىكى ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى كۈنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ھەربىي ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا رايوندا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن كېيىن، يارىلانغان ئۆكتىچىلەر ۋە پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان بىر تۈركۈم كىشى، 42 ئاپتۇبۇس ۋە 11 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن تۈنۈگۈن كەچتە يولغا چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر