فىرانسىيەدىكى سايلاملاردا مىللەتچىلەرنىڭ سوتسىيالىستلارنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە

فىرانسىيەدە بۇ يىل ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا مىللەتچىلەرنىڭ سوتسىيالىستلارنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

661398
فىرانسىيەدىكى سايلاملاردا مىللەتچىلەرنىڭ سوتسىيالىستلارنىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە بۇ يىل ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئىككى باسقۇچلۇق ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيالىست پارتىيەنىڭ نامزاتى سابىق مائارىپ ئىشلىرى مىنىستىرى بېنۇا ئامون بولدى.

سوتسىيالىست پارتىيە تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تەييارلىق سايلام خىزمەتلىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ئاۋاز بېلىتىنىڭ %60ى سانىلىپ بولدى.

مەخسۇس تەييارلىق سايلاملىرى ئۈچۈن تەييارلانغان رەسمىي تور بېكىتىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامون ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ %58.65غا ئېرىشكەن.

فىرانسىيە سابىق باش مىنىستىرى مانۇئېل ۋالس %41.35 ئاۋازغا ئېرىشىپ  ئىككىنچى بولغان.

راي سىناشقا قارىغاندا سوتسىيالىستلارنىڭ 23-ئاپرېلدىن 7-مايغىچە ئىككى باسقۇچ ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى  كۆرىنەرلىك تۆۋەن ئىكەن.

راي سىناشتا سايلامنىڭ ئوڭچىللارنىڭ نامزاتى فىراسۇا فىيون بىلەن رادىكال ئوڭچىللار گۇرۇھىنىڭ نامزاتى مىللىي فىرونت رەئىسى مارىن لۆ پېن ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر