رۇسىيە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى
رۇسىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونلىرىدا 2 مىڭ 500 يېڭى بىنا سېلىش قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىشىنى قانۇنسىز دەپ ئاتىدى.
![رۇسىيە ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/7467/80b7/7966/588b3eab4e0bd.jpg?time=1719081134)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىن تېرروتېرىيەسىدە يېڭى بىنا سېلىش پىلانلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن قانۇنسىزدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2334 – نومۇرلۇق قارارىدا بۇ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن، جۈملىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش قارارلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.»
باياناتتا، ئىسرائىلىيەدىن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە شەرقىي قۇددۇستىكى يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىلىرى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشلىرىنى توختىتىشى تەلەپ قىلىندى.