تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان پۇقرالار ئوققا تۇتۇلدى

سۈرىيەدە پ ي د تېررورچىلىرى، جەرابلۇستىن شىيۇك يېزىسىغا قايتماقچى بولغان پۇقرالارغا ئوق چىقاردى.

660259
تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان پۇقرالار ئوققا تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە پ ي د تېررورچىلىرىنىڭ جەرابلۇستىن شىيۇك يېزىسىغا قايتماقچى بولغان پۇقرالارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 ئادەم يارىلاندى.

پ ي د تېررورچىلىرى، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى شىيۇك يېزىسى ۋە ئەتراپىنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ رايونغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن، 10 مىڭغا يېقىن مىللىتى ئەرەب سۇرىيە پۇقراسى جەرابلۇسقا ئۆتكەنىدى.

سۈرىيەلىك پۇقرالار، دائېش خەۋپى يوقىغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تەشكىللىنىپ يېزىلىرىغا قايتىشقا بەل باغلىغان ئاياللار، بالىلار قوشۇلۇپ 100 دەك شىيۇكلىك، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن چۇۋۇپ تاشلانغان فىرات دەرياسىغا سېلىنغان شىيۇك كۆۋرۈكىگە قاراپ ماڭدى.

ئەنناسىرىييە رايونىدىكى پ ي د تېررورچىلىرى، ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى ۋە تۈركىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا يولغا چىققان شىيۇكلىكلەرگە ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللار بىلەن ئوق چىقاردى؛ ھۇجۇمدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر