تۈركىيە ئامېرىكىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

659866
تۈركىيە ئامېرىكىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «سۈرىيەدە بىخەتەر رايون تەشكىل قىلىنىدۇ» تەرىقىسىدىكى باياناتى ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلار بەرپا قىلىش قارىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىخەتەر رايونلارنى بەرپا قىلىش قارىشى تۈركىيە باشتىن تارتىپلا قوللاپ كېلىۋاتقان قاراشتۇر. جەرابلۇس ھەرىكىتى جەريانىدا بىخەتەر رايونلارنى تەشكىل قىلىشىمىز، قانچە ئون مىڭلىغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ رايونلارغا قايتىشى بۇنىڭغا ناھايتى ياخشى مىسال بولالايدۇ.»

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋمۇ ترامپنىڭ مەزكۇر باياناتى توغرۇلۇق توختالغاندا، «ئالدى بىلەن بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققۇسى بارلىق نەتىجىلەر ھەققىدە ياخشى ئويلىنىش كېرەك» دېدى.

موسكۋادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن وېسكوۋ، بۇنداق بىر قارارنىڭ سۈرىيەدە كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھەقتە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارمىغانلىقلىرىنى، بۇنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ قارارى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر