ترامپ سايلام ۋەدىلىرىنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلام دولقۇنى جەريانىدا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

659498
ترامپ سايلام ۋەدىلىرىنى ئورۇنداشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى پىرېزىدېنت ترامپ، مېكسىكا چېگراسىغا «تام سېلىش» توغرىسىدىكى ۋەدىسى يولىدىمۇ قەدەم تاشلىدى. ئاق ساراي، ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا تام سېلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان يوليورۇقنى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. باياناتتىكى «بۇنىڭ دۆلەتكە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان دەسلەپكى قەدەم ئىكەنلىكى» ئىبارىسى دىققەتنى تارتتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى سېئان سپىسېر، تامنىڭ «ئامېرىكىغا قىلىنىدىغان جىنايەت ۋە قانۇنسىز كۆچۈش ئېقىنى» نى ئازايتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىمزانىڭ مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىس ۋېدېگاراينىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتىدىن بۇرۇنلا قويۇلۇشى دىققەتنى تارتتى. مېكسىكا پىرېزىدېنتى پېنا نىئېتو بولسا، ترامپ بىلەن 31 – يانۋاردا كۆرۈشىدۇ. نىئېتو سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، يېڭى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر دەسلەپكى يىپ ئۇچلىرىنى بەرگەنىدى.

مېكسىكا پىرېزىدېنتى نىئېتو، ئىقتىسادنىڭ ئامېرىكىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى؛ بىرازىلىيە ۋە ئارگېنتىناغا ئوخشاش لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن گۈللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپنىڭ يېڭى بىر قارارنامە ماقۇللاپ، «سۈرىيەدە خەلقنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر رايونلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان ئىمزاسىز بىر پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسى لايىھەسىدە، «سۈرىيەدە بىخەتەر رايونلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى» دېگەن ماددىنىڭ بارلىقى كۆرۈلدى.

«چەت ئەللىكلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن دۆلەتنى قوغداش» ماۋزۇلۇق قارارنامە لايىھەسىنىڭ ئالتىنچى ماددىسىدا، «سۈرىيە خەلقىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر رايونلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى» تەكلىپ قىلىنىدۇ.

مەزكۇر قارارنامە لايىھەسى يەنە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيە ۋە ئۇنىڭغا قوشنا دۆلەتلەردە بىخەتەر رايون تەسىس قىلىش ئۈچۈن، 3 ئاي ئىچىدە تەييارلىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر