ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلىشى قەتئىي خاتا

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىسيانچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەيىبلىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

648964
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئەيىبلىشى قەتئىي خاتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بورىس جونسىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقىنى ئەيىبلىشىنىڭ قەتئىي خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جونسىن، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى ئاۋام پالاتادا چاقىرىلغان يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى جۇلىئان لېۋىسنىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار بىر سوئالىغا جاۋاب بەرگەن جونسىن، «تۈرك دۆلىتىنىڭ، تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ، يۈزلەرچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋەھشىيلەرچە بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى تونۇپ يېتىش ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆرۈپ يېتىشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەنى 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە بىلدۈرگەن ئىنكاسى يۈزىسىدىن ئەيىبلىشى قەتئىي خاتادۇر. تۈركىيە ئورتاق خەۋپسىزلىكىمىز ئۈچۈن مۇھىم. تۈركىيەنى بۇلۇڭغا ئىتتىرىش قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر