ئامېرىكا يەھۇدىيلىرى ئىسلاموفوبىياغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كۆپ سانلىقى يەھۇدىيلاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشى، دۆلەتنىڭ ئىسلامنى خاتا ئەكس ئەتتۈرىدىغان، تىغ ئۇچىنى مۇسۇلمانلارغا قارىتىدىغان سىياسەتلەرگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

635825
ئامېرىكا يەھۇدىيلىرى ئىسلاموفوبىياغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئىسلاموفوبىيا ۋە ئىرقچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. «تىنچلىق ئۈچۈن يەھۇدىيلار ساداسى» ناملىق بىر ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگان تەرىپىدىن تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى پەلەستىننى قوللىغۇچى ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلار، كودېپىنك، ۋاشىنگتون تىنچلىق مەركىزى، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان ئاياللار سىياسەت مۇنبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئورگاننىڭ ۋەكىللىرىمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى.

نامايىشقا قاتناشقان 200 ئەتراپىدىكى كىشى، «مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ»، «ئىرقچىلىققا قارشى تۇرىمىز»، «ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنىش ھەققىمىز بار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

نامايىشچىلار نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىسلامغا قارشى ئىرقچى سۆزلەرنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، 2017 – يىلى 20 – يانۋاردا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغان دونالد ترامپ دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىلدى.

مۇسۇلمانلارغا قارشى گەپ – سۆزلەر ۋە ئۆچمەنلىك جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلىنمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مۇسۇلمان، ئەرەب ۋە جەنۇبىي ئاسىيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ نازارەت قىلىنىشىغا خاتىمە بېرىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر