خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ «قانۇنسىزلىق» لىرىنى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلانماقتا

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا قارشى بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلانماقتا.

635582
خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ «قانۇنسىزلىق» لىرىنى ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ «دەرھال ۋە تەلتۆكۈس » توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان قارار لايىھەسى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدۇ.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 15:00 (تۈركىيە ۋاقتى 23:00) تە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان قارار لايىھەسى، ئىسرائىلىيەنىڭ كۆچمەن ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوقلۇقى، ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئادىل، ئۈزۈل – كېسىل شۇنداقلا كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئورنىتىش يولىدىكى  چوڭ توسۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۈگۈنگىچە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇرۇپ كەلگەن، ئەمما، قانۇنسىز كۆچمەن رايونى تەسىس قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە قانداق بىر قەدەم تاشلايدىغانلىقى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر