مۇسۇلدا دائېش 10 يەرلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە دائېش بەزى يېزىلارغا ھۇجۇم قوزغاپ 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

634735
مۇسۇلدا دائېش 10 يەرلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش شەھەرنىڭ شەرقىي مەھەللىرىگە توپ ئوقى ئېتىپ 10 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 34 كىشىنى يارىلاندۇردى.

يارىلانغانلار ئىچىدە 5نىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ۋە كۆچمە دوختۇرخانىلارنىڭ شارائىتىنىڭ دېگەندەك ئۈستۈن ئەمەسلىكى، شۇڭا بۇ بىمارلارنىڭ ئەربىلدىكى دوختۇرخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مۇسۇل ساقچى ئىدارىسى ھاييۇل قۇددۇس قەبرىستانلىقىدىن كۆكچەلى مەھەللىسىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان بىر ئادەم بومبىنى بىر تەرەپ قىلدى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۇ يىل 17-ئۆكتەبىردە قوزغالغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنىڭ شەرقىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەرنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىملىرىدا دائېشنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكتىن ئالغا ئىلگىرىلەشتە قىينالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر