ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئالالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

دونالد تۇسك: «يېتەلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئوينىيالمىغانلىقىمىزنى بىلىمەن. كىمنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئالغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. بىراق ئۇلار ئىنسانپەرۋرەلىك يارىدەمدە ئەمەس، بومباردىمان قىلىشتا ئاكتىپ رول ئالدى» دېدى.

631577
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئالالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك سۈرىيە مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىش قىلالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنداق بىرەر مەسئۇلىيەتلىرىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىىغىنىدا سۈرىيە ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ھەلەبكە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە پۇقرالار بىلەن دوختۇرخانىلارنى قەستەن ھۇجۇم نىشانى قىلىشقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە، ئىتىپاقداشلىرى بولغان رۇسىيە، ئىران ۋە بارلىق تەرەپلەرگە بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى. 

شەرقىي ھەلەب خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە غۇرۇرۇلۇق بىر شەكىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىمايىسىدە تەلەپلىرىنىڭ ئۇرۇندىلىىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى، رايونغا شەرتسىز ھالدا جىددىي ياردەم يوتكۈزۈلىشى شۇنداقلا بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئايرىمچىلىق قىلىنماستىن دەرھال مۇداپىئە ئاستىغا ئېلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

سۇرىيە مىقياسىدا سەھىيە خادىملىرى ۋە ئورگانلىرىنى قوغداش لازىملىقى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىرگە خەلقئارا قانۇننىڭ تەقەزاسى بويىچە پۈتۈن سۈرىيەدە، بولۇپمۇ قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلاردا بۇ تەلەپلەرنىڭ جىددىي ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلىندى. 

دوكلاتتا يەنە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ دەرھال توختىتىلىشىمۇ تەلەپ قىلىندى.

يىغىن ئاخىرىدا ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، «سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنى كۈچ ئىشلىتىپ توختىتىش مۇمكىن ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ خىل چارىلەرنى ئىشقا سېلىش نىيىتى ۋە ئىقتىدارىمۇ يوق، شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئەيىبلەشنى توختىتىشىڭلارنى ئۆتىنىمىز» دېدى.

دونالد تۇسك: «يېتەلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئوينىيالمىغانلىقىمىزنى بىلىمەن. كىمنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رول ئالغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. بىراق ئۇلار ئىنسانپەرۋرەلىك يارىدەمدە ئەمەس، بومباردىمان قىلىشتا ئاكتىپ رول ئالدى» دېدى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۆۋەتتىكى باسقۇچتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دونالد تۇسك، پۇقرالار ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىلغان بىخەتەرلىك كارىدورىنىڭ مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بولالىشىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق ياۋروپا ئىتىپاقى ئورگانلىرى ۋە دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر