ترامپ، CİA نىڭ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى – CİA نىڭ 8 – نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا رۇسىيەنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە سايلامنىڭ غالىبى دونالد ترامپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

628859
ترامپ، CİA نىڭ دوكلاتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ، Fox TV قانىلىدا ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى – CİA نىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى. دەۋاغا <كۈلكىلىك> دەپ باھا بەرگەن ترامپ، «بىز دۆلەت مىقياسىدا بۈيۈك زەپەر قۇچتۇق. ھەر ھەپتە باشقا بىر باھانە تېپىشماقتا» دېدى.

سايلاملارغا تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارغىمۇ جاۋاب بەرگەن دونالد ترامپ، «ھېچكىم تولۇق مەنىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر تور بوزارلارنى شۇ ئىشنى قىلىۋاتقاندا تۇتۇۋالالمىسىڭىز، كېيىن قەتئىي تۇتالمايسىز» دېدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتى – CİA ۋە ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن 17 ئوخشاش بولمىغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ رۇسىيەنىڭ 8 – نويابىردىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقى يەكۈنىنى چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر