بىرازىلىيەدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

بىرازىلىيەنىڭ رېئو دې جانېرىئو شەھىرىدە ئىقتىسادنى قىسىش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار بىلەن توقۇنۇشقان 8 ساقچى يارىلاندى.

625148
بىرازىلىيەدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تارماقلىرى، رىئو دې جانېئىرودىكى ئۆلكە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا توپلانغان كۆپ ساندا نامايىشچىنىڭ بىناغا يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ ماددىلار ۋە ئاتەش توپلىرىنى ئاتقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا پىلاستىك ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش گازىنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشچىلار بىنانىڭ سىرتىدا ئوت ياقتى، مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن ئۆلكە پارلامېنتى ئەزالىرى ماسكا تاقاشقا مەجبۇر بولدى.

دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆلكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان رىئو دې جانېئىرو ئېغىر مالىيە كىرىزىسىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا. كىرىزىس يۈزىسىدىن مىڭلارچە خىزمەتچى خادىم ۋە پىنسىيۇنېرلار مائاشلىرى بېرىلمىدى ياكى بېرىلىشى بىر قانچە ئاي كېچىكىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر