ئىراننىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

ئىلگىرىمۇ ئوخشاش جايدا، ئوخشاش تىپتىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

621807
ئىراننىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى تەرىپىدىن ئشلىتىلىۋاتقان «Gyroplane» ناملىق چارلىغۇچى ئايروپىلان پاكىستان چېگراسىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىلىرىگە قاراشلىق سەراۋان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

مۇشۇ جايدا 11 – ئۆكتەبىردىمۇ ئوخشاش تىپتىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 ئۇچقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. 

«Gyroplane» ناملىق چارلىغۇچى ئايروپىلان ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسىملىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن چارلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر