دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

دۇنيادىكى 78 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بالا مۇساپىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا يېتەرلىك كۈچ چىقارمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

620896
دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپانى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان بالا مۇساپىرلارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى تەنقىد، ب د ت بالىلار فوندى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى ۋە بالىلارنى قوغداش تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 78 تەشكىلاتتىن كەلدى.

78 تەشكىلات بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئېچىلغان ياۋروپا بالىلار ھەق-ھوقۇقلىرى مۇنبىرىدە ئورتاق ئىمزالىغان خىتابنامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا بالىلار ھەق-ھوقۇقىنىڭ ئىزچىل دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامىدە، ياۋروپا مىقياسىدا بالىلارنىڭ قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى قىلىدىغانلىقى، سەھىيە، مائارىپ قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ياشايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭغا پاناھلىق تىلەش باسقۇچلىرىنىڭمۇ تەسىر قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتابنامىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى مەزكۇر مەسىلە بويىچە كەڭ دائىرىلىك پىلان تۈزۈش، پاناھلىق تىلەشكە ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، بالا مۇساپىرلارنى بەلگىلىنىدىغان سىياسەت ئارقىلىق ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە بالىلارنى قوغداشقا ئاجرىتىلىدىغان ئىقتىسادىي مەنبەنى كۈچەيتىش قاتارلىق ساھەلەرنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشقا چاقىرىلدى.

ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى (Europol) ياۋروپا دۆلەتلىرىدە رويخەتكە ئېلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر بالىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

غايىپ بولغان كىچىك بالىلارنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ياۋروپا ساقچى تەشكىلاتى ئىگە-چاقىسىز بالىلارنىڭ ياۋروپا مىقياسىدىكى قارا گۇرۇھلارنىڭ قۇل قىلىشىغا ۋە جىنسىي خىزمەتكە مەجبۇرلىشىغا ئۇچراش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر