ھەلەبنىڭ شەرقىي مەھەللىلىرى ئاپەت رايونى ئېلان قىلىندى

قورشاۋ ئاستىدىكى ھەلەبنىڭ شەرقىي مەھەللىلىرى ھەلەب خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى تەرىپىدىن «ئاپەت رايونى»ئېلان قىلىندى.

619488
ھەلەبنىڭ شەرقىي مەھەللىلىرى ئاپەت رايونى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا مەسئۇل خەلق مۇداپىئە  ئىدارسى، شەھەرنىڭ قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرق مەھەللىلىرىنى «ئاپەت رايونى»ئېلان قىلدى.

خەلق مۇداپىئە ئىدارسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەلەبنىڭ شەرق مەھەللىلىرىنى ئاپەت رايونى ئېلان قىلغانلىقلىرىنى، شۇڭا بارلىق ياردەم ئورگانلىرىنى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشنى توختىتىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

باياناتتا، 15-نويابىردىن ھازىرغىچە شەھەرگە 2000 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، 7000 تال توپ ئوقى ئېتىلغانلىقى،ھۇجۇملاردا بالىستىك راكېتامىيوت، مىسكېت بومبا ۋە خەلقئارادا چەكلەنگەن خىلور گازلىرىنىڭ ئىشتىلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، قورشاۋ ئاستىدىكى مەھەللىلەردە كۆپ قىسمى ئايال ۋە بالا بولۇپ 279ئادەم ياشاۋاتقان بولۇپ، 35 ئادەم ھېلىھەم ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ ئاستىدا ئىكەن.

بۇ رايونلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت قىلالمايۋاتقانلىقلىرى، بومباردىمانلار سەۋەبىدىن خەلق مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر