ھەلەب شەھىرى توققۇز كۈندىن بۇيان بومباردىمان ئاستىدا تۇرماقتا

سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالغان رايونلارغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 59 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 137 ئادەم يارىلاندى.

617352
ھەلەب شەھىرى توققۇز كۈندىن بۇيان بومباردىمان ئاستىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مەھەللىلەرنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا، ئونلارچە ئادەم خارابىلىق ئاستىدا قالدى. ئاھالىلەر رايونى نىشانغا ئېلىنغان بومباردىمانلاردا، مۇيەسسەردە 14، تارىق ئەلبابتا ئۈچ، قارم بەيكتە ئۈچ، باب نەيرابتا يەتتە، قارم ھامۇد، مۇۋاسالات ۋە جەزمەتلى قاتارلىق جايلارنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن، كونا ھەلەبتە ئالتە، سۇققەرىدە بەش، مەشھەدتە 14، قاتىرجى مەھەللىسىدە تۆت ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 137 ئادەم يارىلاندى.

ھەلەبتىكى پۇقرالار قوغدىنىش قىسمىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئىبراھىم ئەبۇ لېيس پۇقرالارغا پەقەت ھاۋادىنلا ھۇجۇم قىلىنمىغانلىقىنى، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەنمۇ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بەششار ئەسەد ئارمىيەسى تىك ئۇچارلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەھەللىلەرگە ۋارىل بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قىلىنغان شىددەتلىك ھۇجۇملار نەتىجىسىدە، ھەلەب ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پۇقرالار قوغدىنىش قىسمىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئاستىدا خارابىلىق ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ شەھەرنىڭ مەساكىن خانانۇ مەھەللىسىدىكى بەزى بىنالارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەدە يېقىنقى توققۇز كۈندىن بۇيان بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە ھاۋا قىسمىنىڭ قوللىشى ئاستىدا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، ھەلەبنىڭ شىمالىدا 361 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1210 ئادەم يارىلاندى. ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ھەلەبنىڭ شەرقىي قىسمى، 4-سېنتەبىردىن بۇيان بەششار ئەسەدنىڭ قورشاۋى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، توققۇز كۈندىن بۇيان بومباردىمان قىلىنىۋاتقان ھەلەبتە بىرمۇ ساق دوختۇرخانا قالمىدى. شەھەردىكى نۇرغۇنلىغان ناۋايخانىلار بومباردىمان سەۋەبىدىن ۋەيران بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى كۈندە بىر قېتىم چەكلىك ساندا نان يېقىلماقتا.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر