پېنتاگون، ئەلمىسرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئەلقائىدەنىڭ سۈرىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەلمىسرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

616286
پېنتاگون، ئەلمىسرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون باياناتچىسى پېتېر كۇك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئەلمىسرىنىڭ بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ سۈرىيەدە 18 – نويابىر جۈمە كۈنى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەلمىسرى ئەسلى مىسىرلىق بولۇپ، ئافغانىستاندا ئەلقائىدە قېتىلغان، كېيىن سۈرىيەگە ئۆتكەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلقائىدە باشلىقلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلاتتى.

سىرماتە شەھىرى ئەتراپىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئەلمىسرىنىڭ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە بىرلەشمە كۈچلەرگە قارىتىلغان كۆپلىگەن ھۇجۇمدا رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىندى.

پېتىر كۇك، ئەلمىسرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قىلىنىۋاتقان كۈرەشتە يەنە بىر مۇھىم قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر