دونالد ترامپ بىلەن شىنزۇ ئابى خىتايغا ئىشەنمەيدۇ

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى، ئامېرىكانىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ بىرىنچى قېتىم كۆرۈشىدىغان چەت دۆلەت رەھبىرى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

612864
دونالد ترامپ بىلەن شىنزۇ ئابى خىتايغا ئىشەنمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ پېرۇدا ئېچىلىدىغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سودا يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن نىيۇ يوركقا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بىراق، ھازىرغىچە ئۇچرىشىشنىڭ ئېنىق قەيەردە بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلمىدى.

كۆرۈشۈشتە، ياپونىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ترامپ سايلام پائالىيەتلىرىدە قىلغان ئەركىن سودا كېلىشىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

شىنزۇ ئابى ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دونالد ترامپ بىلەن ئۆزئارا ئىشەنچ بەرپا قىلىش، پاراۋانلىقنى ئاشۇرۇش ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ سايلامدا ياپونىيەنىڭ زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ خىراجەتلىرىگە كۆپىرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئامېرىكانىڭ ئەسكەرلىرىنى رايوندىن چېكىندۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ يەنە، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ياپونىيە ۋە باشقا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن تۈزگەن كەڭ كۆلەملىك سودا كېلىشىملىرىنىمۇ تەنقىد قىلغان ئىدى.

دونالد ترامپ بىلەن مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان مايك پېنىس سايلامدىن كېيىن 29 دۆلەتنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى. ئادەتتە، بۇنداق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىكى ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش باسقۇچىدىكى ئېنىق بولمىغان ئامىللارنى تۈگىتىشنى ئارزۇ قىلماقتا.

دونالد ترامپ بىلەن شىنزۇ ئابى خىتايغا ئىشەنمەيدۇ  

دونالد ترامپ خىتاينى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىش ياكى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى خالايدىغان «قورقۇنچلىق» سودا كېلىشىملىرى بىلەن، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ «خىزمەت ئوغرىسى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بېيجىڭنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان زېمىن پارچىلىرى توغرىسىدا بارغانسېرى غالجىرلىشىۋاتقان پوزىتسىيەسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. يەنە بىرى، ياپونىيەنىڭ ئېكسپورتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادى، ئۆزئارا سودىغا باغلىق بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بازىرىنىڭ ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىغا ئوچۇق بولۇشىغا ئېھتىياج بار.

دونالد ترامپ ياپونىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللاردىن قايغۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ترانس-تنچ ئوكيان شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر