ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى - فىرانسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «پارس قولتۇقى 2016» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى.

607962
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى - فىرانسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسەتلىك مەزكۇر بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە كېلىشىمى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، مانېۋىرنىڭ بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن فىرانسىيە ئارىسىدا ئىمزالانغان مۇداپىئە كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 1996 – يىلىدىن بۇيان ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر