ترامپنىڭ ئۈستۈنلۈكى كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتىنى ۋەيران قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىدىن كېيىن ئەنسىزلىككە مۇپتىلا بولغانلار كاناداغا كۆچمەنلىك ئىلتىماسى سۇنىدىغان ئىنتېرنېت سەھىپىسىنى ئىشلىمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.

606948
ترامپنىڭ ئۈستۈنلۈكى كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تور بېتىنى ۋەيران قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆچمەنلىك ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان كانادا كۆچمەنلىك ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ كىشىنىڭ كىرىشى يۈزىسىدىن ۋەيران بولدى.

ئامېرىكا مېدىياسىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 7:30 ئەتراپىدا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر تور بەت زىيارەتچى سانىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ تاقىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سايلاملاردىن ئىلگىرى باربارا سترېيساند ۋە بايران كرانستونغا ئوخشاش چولپانلار ترامپ سايلىنىپ قالسا، ئامېرىكا پۇقرالىقىدىن چىقىپ كاناداغا كۆچمەنلىك ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر