«خەيرات ياردەم جەمئىيىتى» جەرابلۇس خەلقىگە ياردەم قىلدى
جەمئىيەت مەسئۇلى رايوندا ھاۋا سوغۇشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «خەلقنىڭ يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجى ئاشماقتا» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان جەرابلۇسقا «خەيرات ياردەم جەمئىيىتى» يېمەك – ئىچمەك ياردىمى قىلدى.
«خەيرات ياردەم جەمئىيىتى»نىڭ سۈرىيەدىكى ۋەكىلى مۇھەممەد ئۇبەيد كۆشگەر ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا جەرابلۇس خەلقىنىڭ يېنىدا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رايوندا ھاۋا سوغۇشقا باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، «خەلقنىڭ يېمەك – ئىچمەككە بولغان ئېھتىياجى ئاشماقتا. شۇڭلاشقا ئۇزۇقلۇق ۋە قىشلىق كېيىم- كېچەك تارقىتىش خىزمەتلىرىمىزنىڭ سۈرئىتىنى تىزلاشتۇردۇق. 500 كىشىلىك يېمەك – ئىچمەك بويۇملىرى قاچىلانغان يېشىكلەرنى رايونغا يەتكۈزدۇق ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتپ بەردۇق» دېدى.
مۇھەممەد ئۇبەيد كۆشگەر، رايوندا ياشاۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.