فىرانسىيەنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىنى چېقىپ تاشلىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى

فىرانسىيەنىڭ بۇرۇن چېقىۋېتىلگەن بىر مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ قالغان قىسىملىرىنىمۇ ئېلىپ تاشلىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى.

598892
فىرانسىيەنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىنى چېقىپ تاشلىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ كالاس رايونىدىكى چېقىۋېتىلگەن مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسىملىرىمۇ ئېلىپ تاشلاندى.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسىملىرىنىڭمۇ ئېلىپ تاشلىشى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى.

بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى 1000غا يېقىن بالا قېلىۋاتقان بۇ لاگېرنىڭ چېقىۋېتىلىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە دائىرلىرى مۇساپىرلار لاگېرىدىن ھازىرغىچە 6000 مۇساپىرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى، بىراق تىزىمغا ئېلىنماي لاگېردىن ئايرىلمىغان تەخمىنەن 1000دەك مۇساپىرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى نامەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر