گېرمانىيەدە ھەر 20 بالىدىن بىرى نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا

گېرمانىيەدە مەلۇم بىر گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر 20 بالىدىن بىرى نامراتلىق ئىچىدە ياشايدىكەن.

595692
گېرمانىيەدە ھەر 20 بالىدىن بىرى نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  گېرمانىيەدە ھەر 20 بالىدىن بىرىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ياشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Saarbrücker Zeitung گېزىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەييارلىنىۋاتقان نامراتلىق ۋە بايلىق دوكلاتىدىن ئالغان مەلۇماتىغا كۆرە، 2 مىليون بالا نامراتلىق خەتىرى ئاستىدا ياشىماقتا ئىكەن.

دوكلاتتا ياۋروپا ئۆلچەملىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ ساننىڭ ئۇنچىۋېلا خەتەرلىك ئەمەسلىكى، بالىلارنىڭ نامراتلىق نىسبىتىدە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەلۇم بىر تۇرمۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئىستېمال بۇيۇملىرىغا ئىگە بولۇش جەھەتتىن قارالغىنىدا، بۇ ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە %5بالىنىڭ ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەدە خەلقنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەتنىڭ بالىلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىر راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، خەلقنىڭ ئۈچتە ئىكىسى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ باج تۆلەشكە رازى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر