خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا پىلە قۇرۇتى پەرۋىش قىلماقتا

خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تاشقى پىلانتتا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان شارائىتتا پىلە قۇرۇتى پەرۋىش قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

593780
خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا پىلە قۇرۇتى پەرۋىش قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم بوشلۇقىدا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان مۇھىت ئاستىدا پىلە قۇرۇتى پەرۋىش قىلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  ئالەم كېمىسى «شىنجوۋ-11 » بىلەن ئوربېتىغا ئەۋەتىلگەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان تەجرىبىخانىدا پىلە قۇرۇتى پەرۋىش قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە ھاۋا بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى «تىيەنگوڭ-2»دا تارتىلغان بىر ۋىدىئومۇ بار بولۇپ، ۋىدىئودا ئالتە تال پىلە قۇرۇتى ھاۋا قىمىلداپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

 سىناقتا لېچىنكىلارنىڭ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان شارائىتتا قانداق ئۆسۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى كۆزىتىش مەقسەت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر