پېنتاگون مۇسۇل ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخى ئومۇميۈزلۈك باشلىمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

590552
پېنتاگون مۇسۇل ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون ئەمەلدارى، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ قىسمەن بولسىمۇ باشلىغان ياكى باشلىمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مەركىزىي كۈچلەر قوماندانلىقىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان <مۇسۇل ھەرىكىتىنىڭ باشلىغانلىقى> توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا مەركىزىي كۈچلەر قوماندانلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن يازما باياناتىدا، «مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىگە دائىر ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر پىلاننىڭ <تۋىتتېر> دا ئورتاقلىشىلغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار. ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نۇرغۇن ناتوغرا خەۋەرلەر بار. نۇرغۇن كىشى مۇسۇلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈلۈشىنىڭ قانداق ۋە قاچان باشلايدىغانلىقىنى بىلىمەن، دەپ ئويلايدۇ. مۇسۇلنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈلۈشى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بىر پىلانى بولۇپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ  دائېشنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن بېكىتكەن بىر ۋاقىتتا باشلىنىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر