نىگېردە مۇساپىرلار لاگېرىدا ھۇجۇم يۈز بەردى

نىگېردە تازالىت مۇساپىرلار لاگېرىدا ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 20 گە يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

584821
نىگېردە مۇساپىرلار لاگېرىدا ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدىكەن.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۇجۇمنى 10 غا يېقىن تېررورىست ئېلىپ بارغان.

مالى ۋە نىگېرىيەگە قوشنا بولغان نىگېر يېقىندىن بۇيان ماراكەش ئەلقائىدەسى ۋە بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر