پۇتىن:مەندىن كېيىنكى پىرېزىدېنت ياش بىراق...

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىدىن كېيىنكى پىرېزىدېنتنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

565548
پۇتىن:مەندىن كېيىنكى پىرېزىدېنت ياش بىراق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزىدىن كېيىنكى پىرېزىدېنتنىڭ «ياش بىراق تەجرىبىلىك»بولۇشى لازىمىقىنى ئېيتتى.

گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان پۇتىن، رۇسىيەدە 2018-يىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى توغرۇلۇق سورالغان سوئاللارغا جاۋا بەردى.

ۋىلادىمىر پۇتىن نامزاتلىقنى ئېلان قىلىشنىڭ ناھايىتى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆزىدىن كېيىنكى پىرېزىدېنتنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىنى مۇنداق بايان قىلدى: «ياش بىراق تەجرىبىلىك بولۇشى كېرەك.»

پۇتىن رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بۇ ئاي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلام ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سايلامغا يەنە 2 يىل بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ سەۋەبتىن 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا نامزات بولۇپ بولمايدىغانلىقى مەسىلىسىدە ئېغىز ئېچىشنىڭ ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان پۇتىن، بۇ ھەقتە ئېنىق قارارىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن كەلگۈسىدىكى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئۈچۈن «ياش بىراق تەجرىبىلىك بولۇشى كېرەك»دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر