ئىراقلىق كورد رەھبەر: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز

ئىراقلىق كورد رەھبەر بارزانى تۈركىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

558006
ئىراقلىق كورد رەھبەر: تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز
yıldırım-barzani.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىر كۈن بۇرۇن تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان مەسئۇد بارزانىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىدى.

بارزانى بۇ يەردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەردىن سىرت يەنە، دائېش ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئىككى رەھبەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاراشلىق مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرۇلۇق تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

بارزانى كېيىنچە چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشتى.

يىلدىرىم ئۇچرىشىشتا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە رايوندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى دائىرىسىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ھازىرمۇ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىراق ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق قەدەملەرنى تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د نىڭ رايوننىڭ ھازىرقى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى خۇددى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان قانۇنلىق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتتەكلا كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پ ك ك ۋە دائېشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئاداققچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى مەسئۇد بارزانى بولسا، 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى قاتارلىق تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ۋە بىرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر