ئامېرىكا، تۈركىيەنىڭ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

557986
ئامېرىكا، تۈركىيەنىڭ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا ياشاۋاتقان گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشىغا دائىر مەسىلىلەردە بىرەر يېڭىلىقنىڭ بار – يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن تونېر، «تۈركىيەنىڭ گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرىمىز» دېدى.

ئۇ، نۆۋەتتە قايتۇرۇپ بېرىشكە ئالاقىدار تەلەپ پاكىت ۋە ماتېرىياللارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مەزكۇر تەلەپنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

تەلەپ توغرىسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن تونېر، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى گۈلەننىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر