پاكىستان ئارمىيەسى، 40 تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ «خەيبەرـ3» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا 40 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، 43 پاناگاھ بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

557320
پاكىستان ئارمىيەسى، 40 تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، ئافغانىستان چېگراسىغا جايلاشقان قەبىلىلەر رايونىدىكى تىراھ ۋادىسىدا ئۆتكەن ھەپتە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتا باشلانغان زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئارمىيە تەرەپنىڭ، زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ھازىرغىچە 40 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 21 تېررورچىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتىدا يەنە، تېررورچىلارنىڭ 43 پاناھلىنىش ئورنىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

پاكىستان ئارمىيەسى، 2014 – يىلى 14 – ئىيۇلدا «قەبىلىلەر رايونى» دەپ ئاتىلىدىغان شىمالىي ۋەزىرىستاندا تالىبان كۈچلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، «زەربەئى ئەزب» ناملىق مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە 3500 غا يېقىن تېررورچىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنغانلىقى، 490 پاكىستان ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر