ئىران ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىدە تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 3 كىشىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىندى.
554369
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى «كەيخان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇزىستان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىي ئاھۋاز شەھىرىگە قاراشلىق ھامىدىييە ناھىيەسىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 3 كىشىنىڭ جازاسى ئىجرا قىلىنغان.
2015 – يىلى 2 – ئاپرېلدا ئاھۋاز شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 3 ساقچى ئۆلگەن، 2 ساقچى يارىلانغانىدى.