تالىبان گۆرۈگە ئېلىۋالغان خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى ئۆلتۈردى
ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى دۆلەتنىڭ غەربىگە جايلاشقان فاراھ شەھىرىدە گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان 5 خەۋپسىزلىك خادىمىنى ئۆلتۈردى.
553087
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاراھ ساقچى ئىدارىسى باشلىقى مۇھەممەد غەۋس ماليار، تالىباننىڭ گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان 2 ساقچى بىلەن 3 ئەسكەرنى فاراھنىڭ باكۋا ناھىيەسىگە قاراشلىق جۈمە بازىرى رايونىدا ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ماليار، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
تالىبان بولسا، ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.