ھىلارى كلىنتون دونالد ترامپ بىلەن پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە چۈشىدۇ

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى، ھىلارى كلىنتوننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 8– نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلدى.

538730
ھىلارى كلىنتون دونالد ترامپ بىلەن پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ فىلادېلفىيا شەھىرىدىكى قۇرۇلتىيىدا نامزات بولۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان 2383 بېلەتكە ئېرىشكەن سابىق ‹بىرىنچى خانىم›، نىيۇيورك پالاتا ئەزاسى شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىنىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت نامزاتى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

كلىنتون نامزاتلىق نۇتقىنى 28 – ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى سۆزلەيدۇ.

ھىلارى كلىنتون دېموكراتلار پارتىيەسى سېپىدىكى رىقابەتتە ۋېرمونت پالاتا ئەزاسى بېرنىي ساندېرسنى ئارقىدا قالدۇرغان، قۇرۇلتايدىن ئىلگىرى كلىنتوننى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ساندېرسقا بەزى قوللىغۇچىلىرى نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. ساندېرس كلىنتوننىڭ ئورنىدا ئۇنى پارتىيەنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن قوللىغۇچىلىرىغا خىتاب قىلىپ، «ھىلارى كلىتنون مۇكەممەل بىر پىرېزىدېنت بولىدۇ. ئۇنى قوللىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن» دەپ جاۋاب قايتۇرغانىدى.

ھىلارى كلىتنون ئۆتكەن ھەپتە بايانات بېرىپ، پىرېزىدېنت ياردەمچىلىكى نامزاتلىقىغا ۋىرجېنىيا پالاتا ئەزاسى تىم كائىنېنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

كلىتون ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى سايلىنىدىغان 58 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى سودا – سانائەتچى دونالد ترامپ بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر