خىتاي شىركەتلىرى تاجىكىستاننىڭ ئالتۇن كانلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالدى

TBEAئىسىملىك بىر خىتاي شىركىتى تاجىكىستاندا ئىككى ئالتۇن كېنىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

538174
خىتاي شىركەتلىرى تاجىكىستاننىڭ ئالتۇن كانلىرىنى مونوپۇل قىلىۋالدى

TBEAئىسىملىك بىر خىتاي شىركىتى تاجىكىستاننىڭ سۇگىد ۋىلايىتى ئاينى ناھىيەسىگە قاراشلىق شەرقىي دوبا ئالتۇن كېنىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

TBEAشىركىتى ئىككى ئالتۇن كان بولغان شەرقىي دوبا بىلەن ئۈستۈن كۇمارگ رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. ئالتۇن تېپىلغاندىن كېيىن كاننىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بۇ شىركەتكە بېرىلدى.

خىتاي نۆۋەتتە تاجىكىستاندا جەمئىي 7 ئالتۇن كېنىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

2014-يىلى تاجىكىستان ھۆكۈمىتى TBEA شىركىتىگە تەخمىنەن 30 مىليون قىممىتى بولغان ھىدروئېلېكتىر ئىستانسىسى بەدىلىگە ئاينى ناھىيەسىدە ئىككى ئالتۇن كان بولغان رايوندا تەكشۈرۈش ھوقۇقى بەرگەنىدى.

تاجىكىستان  چەكلىك شارائىتى تۈپەيلى ئالتۇن زاپىلىرى بولغان رايونلاردا ئالتۇن ئىزدەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن ئاجىز بولۇپ، خىتاي كارخانلىرى بولۇپ چەت ئەل كارخانىلارنى دۆلىتىدە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

خىتاينىڭ دۇنيادىكى مەبلەغ سىياسىتى «مەبلەغ بەدىلىگە تەبىئىي بايلىقلار»فورمىلاسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. خىتاي بۇ تەرىقىدە يېقىنقى 5 يىلدا ئافرىقا قىتئەسىدىكى 21 دۆلەتتە كۈمۈش، ئالتۇن، قىممەتلىك تاش كانلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.


خەتكۈچ: #خىتاي , #ئالتۇن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر