ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى NBC قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى

ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن NBC رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرۇلۇق تارقاتقان ئاساسىز خەۋەرلىرى تۈپەيلى تۈركىيەدىن كەچۈرۈم سورىشى تەلەپ قىلىندى.

536191
ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى NBC قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغان كېچىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرۇلۇق نۇرغۇن يالغان خەۋەر تارقاتقان ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى NBC قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلدى.

قانالدىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە ئاساسسىز خەۋەرنىڭ مەنبەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

NBC قانىلى ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئەسناسىدا «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە ئايروپىلانىنىڭ گېرمانىيەگە قاراپ ھەرىكەت قىلغانلىقى»دېگەن مەزمۇندىكى ئاساسسىز خەۋەرلەرنى ئامېرىكا ھەربىي مەنبەدىن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئوخشاشلا NBC دىن كايلې گىرىففىن بۇ يالغان خەۋەرنى Twitter ئارقىلىق تارقاتتى.

شۇنداقلا گىرىففىن ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغۇچىلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئالغانلىقىنىمۇ Twitte دا ئورتاقلاشتى.

يالغان خەۋەرلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان Newsbud ناملىق ئورگان،  NBC تېلېۋىزىيە قانىلىدىن 25-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنىگىچە يالغان خەۋەر تارقاتقانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى ۋە خەۋەر بىلەن تەمىنلىگەن ھەربىي مەسئۇلنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

Newsbud ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۈرك جەمئىيىتىنىڭمۇ قوللىشى ئارقىسىدا ئەتە NBC قانىلى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر