داڭلىق كىنو چولپىنى ۋاندان: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنىش كېرەك

داڭلىق كىنو چولپىنى ۋان دان ئۆزدىن تەكلىپ-پىكىر ۋە تەۋسىيە سورىغۇچىلارغا مۇھەممەد ئەلەيىھىسسالامدىن ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

523236
داڭلىق كىنو چولپىنى ۋاندان: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنىش كېرەك

دۇنياغا مەشھۇر كىنو چولپىنى ۋان دان ئوزۇقلىنىش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر ۋە تەۋسىيە سورىغۇچىلارغا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ئەقىللىق ۋە زېرەك بىرى. مەندىن سوراشنىڭ ھاجىتى يوق، سىلەر ئىزدىگەن ھەر نەرسە ئۇنىڭدىن تېپىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويىچە ئەمەل قىلىشنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقى بارغانچە ھېس قىلىنماقتا. بۇنى تەكىتلەپ كەلگۈچىلەر پەقەتلا مۇسۇلمان ئالىملارلا ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان داڭلىق كىنو چولپانلىرىمۇ بار.

MBC ناملىق ئەرەب قانلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا چېنىقىش ۋە ۋاستىلىك يولدىن ئوزۇقلىنىش توغرۇلۇق تەكلىپ-پىكىرلەر ۋە تەۋسىيەلەرنى بەرگەن دۇنياغا مەشھۇر تەنھەرىكەت ماھىرى ۋە كىنو چولپىنى ۋان دان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق ۋە زېرەك ئىكەنلىكىنى ۋە سالامەتلىك ئۈچۈن نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. زىيارەت خاتىرىسىنىڭ بىر قىسمىدا چېنىقماقچى بولغان ياشلارغا تەۋسىيە بېرىپ، توغرا ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ۋان دان يەنە مۇنداق دېدى: «ھەپتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم گۆش يېيىلسە بولىدۇ، كۆپ مىقداردا كۆكتات يېييىش لازىم، بارلىق گۈزەل ئوتتۇرا شەرق ئەنئەنىۋى ئەرەب تائاملىرى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش ئىستېمال قىلىنسا بولىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەكلىرى:نان، بادەم، ئالما قاتارلىقلار. بۇ جەھەتتە مۇسۇلمانلار ناھايىتى ئېسىل نەرسىلەرنى بايقاپ چىقتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تولىمۇ ئەقىللىق ۋە زېرەك بىرى، كەلگۈسى ۋە ئىنسان بەدىنى ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا مەندىن سوراشنىڭ ھاجىتى يوق، نېمە ئىزدىسەڭلار ئۇنىڭدىن تېپىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر