ئىتالىيەدە ساقچىلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى توقۇنۇشتى

ئىتالىيەنىڭ فلورېنسا شەھىرى سېستو فىيورېنتىنو رايونىدا، بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئىتالىيە ساقچىلىرىنىڭ توقۇنۇشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

521765
ئىتالىيەدە ساقچىلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ 30 – ئىيۇندا تارقانقان بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيەنىڭ فلورېنسا شەھىرى سېستو فىيورېنتىنو رايونىدا، ساقچىلار بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى توقۇنۇشقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 29 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن فلورېنسا ساقچىلىرى بىر زاۋۇتنى تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ساقچىلار بىلەن خىتاي ئىشچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن. فلورېنسا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلى ۋەقەگە ئارىلاشقان ۋە ئىتالىيەدىن ساقچىلارنىڭ قانۇننى ئەدەپ بىلەن ئىجرا قىلىشنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەلەپ قىلغان.

يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، زاۋۇتنىڭ قانداق زاۋۇت ئىكەنلىكى، ئىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ن توقۇنۇشنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى. پەقەت، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ۋەقەگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىتاليە ئانسا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بولسا، خىتاي ئىشچىلارنىڭ زاۋۇتنىڭ ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىتالىيە ساقچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. خەۋەردە يەنە، ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كەتكەنلىكىگە، ئۆزئارا ئىتتىرىشىش جەريانىدا بىر خىتاي ئىشچىنىڭ قۇچىقىدىكى 10 ئايلىق بالىنىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەب بولغان بولۇش مۇمكىنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيە ساقچىلىرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئىشچىلىرى قارشىلىق كۆرسىتىشتە 10 ئايلىق بوۋاقنى قالقان قىلىپ پايدىلانغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقە 29 – ئىيۇن كەچتە باشلىنىپ، 30 – ئىيۇن سەھەردە بېسىققان. ۋەقەدە ئىككى خىتاي ئىشچىسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلار ئارىسىدا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافرىقا قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر ۋە ساقچىلار ئارىسىدا ئۆزئارا توقۇنۇشىدىغان ھادىسەلەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيمەكتە.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر