سەي يىڭۋېن: خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭ بىلەن دىيالوگنى ئۈزۈپ قويماسلىقنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

520570
سەي يىڭۋېن: خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن دىيالوگ ئورنىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىڭ دائىرىلىرى، شەنبە كۈنى (25- ئىيۇن) تەيبى بىلەن مۇنتىزم ئالاقىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ بۈگۈن (چارشەنبە) بايانات بېرىپ، ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن دىيالوگ يولىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى تەرەپدارى ‹دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى› نىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن ئۆتكەن ئاي پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن مەۋجۇت ھالەتنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى، تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تەيۋەننى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، دەپ بىلىدىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، سەي يىڭۋېننىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، سەي يىڭۋېننىڭ ئۆز ۋاقتىدا خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىرى بىلەن شۇ چاغنىڭ تەيۋەن ھاكىمىيىتىنى تىزگىنىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مىللەتچى خىتايلار ئارىسىدا ئىمزالانغان «1992 بىردەكلىكى» كېلىشىمىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى پىكرىدە چىڭ تۇرماقتا. ئۇ كېلىشىم ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا ئىزاھلايدىغان «بىر جۇڭگو» نىڭلا بارلىقىنى مەزمۇن قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى «بىرلا جۇڭگو» پىرىنسىپىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئالاقىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

سەي يىڭۋېن تەيۋەننىڭ جەنۇبىي ئامېرىدىكى بىردىنبىر دىپلوماتىك ئىتتىپاقدېشى پاراگۋايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەسنادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «تەيۋەندىكى ھۆكۈمەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان پارتىيەنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىزنىڭ ئورتاق بىر نىشانىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىق ۋە تىنچلىقىنى قوغداشتۇر» دېدى.

ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «گەرچە نۆۋەتتە رەسمىي مۇزاكىرە لىنىيەلىرى تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئالاقىلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنىڭ يەنە باشقا يوللىرى بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر