خىتاي تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى توڭلىتىپ قويدى

خىتاي تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

518250
خىتاي تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى توڭلىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي – تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى ئىشخانىسىنىسىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن تەيۋەندە يانۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغان دېموكراتىك ئالغا ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن 20 – ماي كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە مېخانىزمىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ قارار تەيۋەننىڭ ئەنقەرە مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كامبودژانىڭ 25 ى تەيۋەنلىك، 14 ى خىتاي پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 39 گۇماندارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئۇقتۇرۇلدى.

كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنى ئالداش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقى سەۋەبلىك 39 گۇماندارنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر